ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى رەسمىي بېكىتكىنىگە بەش يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بېيجىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭ (يېڭى چەك)» دەپ ئاتىلىۋاتقان، 1949-يىلى 22-دېكابىردىن باشلاپ خىتاي كونتروللۇقىدىكى بېسىۋېلىنغان دۆلەت — شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق يوقىتىشقا دۇچ كەلمەكتە. 2021-يىلى 19-يانۋار ئېلان قىلىنغان بۇ قارار خەلقئارالىق قانۇن تىلىنى ۋە ئېتىراپ قىلىشنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئەمما ئۆزى بېكىتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتالمىدى.
«مەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، شۇنداقلا باشقا مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بېكىتتىم.»
— ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، 2021-يىلى 19-يانۋار
سىياسىي مەنبەسى ئېنىق بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى 2014-يىلى 23-ماي باشلانغان بولۇپ، ئۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى» ياكى «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش سەپەرۋەرلىكى» دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ داۋاملىشىۋاتقان، دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ھەرىكەت كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي نوپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرى، مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا باشلامچىلىق قىلماقتا ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بۇ سىستېمىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىلدى. خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دۆلىتى چوڭ تىپتىكى لاگېرلارنىڭ كۆرۈنۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، جازا لاگېرلىرىنى تۈرمىلەرگە، «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانلىرى»غا ۋە دائىمىي مەمۇرىي ھەم ئەدلىيەلىك كونتروللۇققا ئايلاندۇردى.
كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش
2019- يىلى مايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3 مىليونغا يەتكەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2020-يىلى سېنتەبىردە، خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا، 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يىلىغا 1.29 مىليون ئادەمنىڭ ئۆزى «كەسپىي تەربىيەلەش» ئاپپاراتلىرى دەپ ئاتىۋالغان ئورۇنلاردىن ئۆتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان؛ بۇ سۈرەت تەخمىنەن 8 مىليون كىشىنىڭ شۇ مەزگىلدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ياكى مەجبۇرىي ئىدىيەۋى تەربىيەگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئەدلىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سوت مەھكىمىلىرى ئارقىلىق قانداق قىلىپ سىستېمىلاشتۇرۇلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي رەسمىي ئەدلىيە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كەم دېگەندە 578,500 ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغىچە بولغان تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گەرچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى خىتاي كونتروللۇقىدىكى بارلىق رايونلارنىڭ ئىككى پىرسەنتىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھۆكۈملەر بارلىق خىتاي كونتروللۇقىدىكى تېررورىيەلەردىكى تۈرمە نوپۇسىنىڭ سېلىشتۇرمىسىز دەرىجىدىكى زور قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ بۇ بىر پۈتۈن خەلقنىڭ سىستېمىلىق ھالدا جىنايەتچىگە چىقىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
سانائەت كۆلىمىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك
مەجبۇرىي ئەمگەك خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مەركىزىي تۈۋرۈكىدۇر. ھۆكۈمەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن تەتقىقاتلار كەم دېگەندە 3 مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىلانى ئاستىدا يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. تۇتقۇنلار ۋە سابىق مەھبۇسلار مەجبۇرىي ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا، فېرمىلارغا ۋە سانائەت رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا.
بۇ ئەمگەك سىستېمىلىرى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە چېتىشلىق. تەكشۈرۈشلەر بۇلارنى پاختا، شوخلا، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە زاپچاسلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا بازارلارغا مەجبۇرلاشنى سىڭدۈرۈۋەتكەن ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن.
نوپۇسنى يوقىتىش ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش
خىتاي يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھىتتە كۆپىيىشىنى زەربە نىشانى قىلدى. ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تاجاۋۇز خاراكتېرلىك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىگە دۇچ كەلدى؛ بۇ شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ كەسكىن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ۋە ئاپپاراتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئۇ يەرلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىش ۋە ئىسلامىي پائالىيەتلەر چەكلەنگەن ياكى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغان. بۇ سىياسەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى»نىڭ 2-ماددا (e) تارماق ماددىسىدىكى قوغدىلىدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ بالىلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكەشنى مەنئى قىلىدىغان بەلگىلىمىلەرگە چۈشىدۇ.
مەدەنىيەت ۋە دىنىي قىرغىنچىلىق
جىسمانىي زۇلۇمغا مەدەنىيەت ۋە دىنىي قىرغىنچىلىق ھەمراھ بولماقتا. سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى ۋە نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كەم دېگەندە 16,000 مەسچىت ۋە باشقا دىنىي، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، زىيانغا ئۇچرىتىلغانلىقىنى ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. قەبرىستانلىقلار، مازارلار ۋە تارىخىي مەھەللىلەرمۇ يوقىتىلدى.
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، ئالىملىرى، دىنىي زاتلىرى، سەنئەتكارلىرى ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى تۈرمىلەرگە تاشلاندى ياكى غايىب قىلىندى؛ بۇ مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە كوللېكتىپ ئەسلىمىنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
بەدەن ئورگانلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش ۋە تىببىي كېڭەيمىچىلىك
ئورگان ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن سىستېمىلىق ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي تەھلىلچىسى ۋە ئەزا ئەتكەسچىلىكى تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمان 2024-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە، قولدىكى دەلىللەرنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 25,000 دىن 50,000 غىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەزا ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قىلمىشنى سانائەتلەشكەن ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوللانغان دەپ تەسۋىرلىدى.
2025- يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزا ئېلىش مەركەزلىرىنىڭ سانىنى ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىش پىلانىنى ئېلان قىلدى؛ ئىختىيارىي ئەزا بېرىش سىستېمىسى بولمىغان ۋە بېسىۋېلىنغان تېررىتورىيەدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرى تۈپەيلى، بۇ ھەرىكەت تىببىي ئەخلاقشۇناسلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرىنى ئەندىشىگە سالدى.
ئىجرا قىلىنمىغان ئېتىراپ قىلىش
2021-يىلىدىن باشلاپ، ئون نەچچە دۆلەت پارلامېنتى خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 51 دۆلەت رەسمىي ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلدى. ئەمما ھېچقانداق مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە خەلقئارالىق ئىجرا قىلىش مېخانىزمى كۆرۈلمىدى.
2022- يىلى ئاۋغۇستتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسى بىر باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى خۇلاسىلىدى. دوكلاتتا قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش، قىيناش، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي نوپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىللەر تېپىلدى. شۇندىن بۇيان ھېچقانداق ئەگىشىپ كېلىدىغان تەكشۈرۈش ياكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇلۇپ باقمىدى.
«ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىقى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش دائىرىسى… خەلقئارالىق جىنايەت، جۇملىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.» — بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ئىشخانىسى، باھالاش دوكلاتى (2022-يىلى 31-ئاۋغۇست)
توختىمىدى، بەلكى قايتا تەشكىللەندى
مۇستەقىل باھالاشلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تېخى ئاخىرلاشمايۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرمەكتە. ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 2025-يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى چېقىپ تاشلىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى قايتا تەشكىللىگەنلىكىنى، لاگېرلارنى تۈرمىلەرگە، مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىلىرىغا، مەجبۇرىي نوپۇس كونترول قىلىش ۋە ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت قىلىشقا ئايلاندۇرغانلىقىنى خۇلاسىلىدى.
«لاگېرلارنىڭ يوقىلىشى ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ؛ ئۇ پەقەت ئاپپاراتنىڭ ماسلىشىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.» — ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى، 2025-يىللىق دوكلات
2025- يىلى دېكابىردا، «Genocide Watch» (ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى) يېڭى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرى ۋە بالىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئايرىۋېتىلىشىنىڭ داۋاملىشىشى خەلقئارالىق توسۇش كۈچىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.» — Genocide Watch، جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش (2025-يىلى دېكابىر)
جاۋابكارلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى
خەلقئارا قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى توختاپ قالدى. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ رەسمىي ئەرز سۇندى. ئاراكان ئۈلگىسى قانۇنىي يولىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ھۆكۈمەت بۇ ئەرزنى رەسمىي قوللىمىدى ۋە سوت مەھكىمىسى ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى.
سۈرگۈندىكى تەشكىلاتلار قانۇنىي مېخانىزملارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما سىياسىي جەھەتتىن توسۇپ قويۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ جازاسىز قېلىشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
نېمە ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىدۇ؟
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىدىكى تۈپ سەۋەبنىڭ — خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى ۋە كۆچمەنلەر مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ — ھەل قىلىنمىغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلئەھەت نۇر 1-يانۋاردىكى يېڭى يىللىق نۇتقىدا، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىش سىياسىي مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«مۇستەملىكىچىلىكنى تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنى ياكى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق.» — ئابدۇلئەھەت نۇر، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى
بەش يىل!
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنىپ بەش يىلدىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى. كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، بالا چۈشۈرۈش، تۇغماس قىلىش، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئورگان ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا، قاتتىق نازارەت قىلىنىش بولسا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى.
پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش بولمىغان ئەھۋالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ قويۇش ئۇنى توختىتالمايدۇ. ئېتىراپ قىلىش جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە مۇستەملىكىچىلىك كونتروللۇقىنى بىكار قىلىش بىلەن ماسلاشقاندىلا ئاندىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئاخىرلىشىدۇ.













