خىتاي بېيجىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭ (يېڭى چېگرا)» دەپ ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دەپ تەسۋىرلىگەن ھىدروگېن يېقىلغۇ قۇيۇش پونكىتىنى پۈتتۈردى؛ بۇ بىر تەرەپتىن بېسىۋېلىنغان رايوندا دۆلەت قوللىغان ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلى زېمىن ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك سانائەت تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىلەر داۋاملاشماقتا.
بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان پروجەكت ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ شەرقتىكى شەھەر قۇمۇلغا («خامى») جايلاشقان بۇ پونكىت ھازىر رەسمىي ئېچىلىشتىن ئىلگىرى سىناق تەرىقىسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. «Fuel Cells Works» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ساپ ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېقىلغۇ قۇيۇش ئەسلىھەسى كۈنىگە 10 توننىغىچە ھىدروگېن تارقىتىش ۋە سەككىز يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسىغا بىرلا ۋاقىتتا يېقىلغۇ قۇيۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، كۈندىلىك ماشىنا يېقىلغۇ قۇيۇش ئىقتىدارى تەخمىنەن 300 قېتىم ئەتراپىدا ئىكەن.
خىتاي دۆلىتىگە ئىگىلىكىدىكى تەرەققىيات شىرىكەتلىرى بۇ تۈرنى كەڭ كۆلەملىك ھىدروگېن ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە تونۇشتۇردى. سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ پونكىت — دۇسسېلدورفتىكى «H2 Mobility» تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان پونكىتنىڭ كۈنىگە تەخمىنەن بەش توننا ھىدروگېن تارقىتىدىغانلىقى ۋە بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ماشىنىغا يېقىلغۇ قۇيالايدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان؛ بۇ قۇمۇلدىكى ئەسلىھەنىڭ كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسە يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېغىر تىپتىكى توشۇش ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ھىدروگېن تۈگۈنى
تۈر تەمىنلىگۈچىلىرى ئېلان قىلغان تېخنىكىلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسلانغاندا، قۇمۇل پونكىتى تەخمىنەن 19,500 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىرلا ئورۇندا ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېقىلغۇ قۇيۇشنى بىر گەۋدە قىلغان. بۇ لايىھە بېيجىڭنىڭ كىچىك، تارقاق پونكىتلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈك توشۇش كارىدورلىرى بويىدىكى چوڭ، تىك يۆنىلىشلىك بىر گەۋدىلەشكەن ھىدروگېن تۈگۈنلىرىگە بولغان مايىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
«Fuel Cells Works» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يادرولۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە سىستېما بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى يۇقىرى بېسىملىق ھىدروگېن ۋە سۇيۇقلۇق سىستېمىسىغا مەخسۇسلىشىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ خايدلېيسون (Haidleyson) تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن. شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پونكىتتا ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ چىققان پىرىسلاش ماشىنىسى، قاچىلاش ئۈسكۈنىسى، كلاپان سىستېمىسى ۋە نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى 50 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولغان تېمپېراتۇرا دائىرىسىدە مەشغۇلات قىلالايدىغان كونترول تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلگەن.
«Fuel Cells Works» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پونكىت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخىمۇ كەڭ ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھىدروگېننى ئاساس قىلغان يۈك توشۇشنى قوللاشنى مەقسەت قىلغان.
تاجاۋۇزچىلىق ۋە سانائەتلىشىش ئارىسىدىكى كېڭەيمىچىلىك
پونكىتنىڭ پۈتۈشى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان، كەڭ كۆلەملىك سانائەت، ئېنېرگىيە ۋە قېزىش تۈرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇنداق تەرەققىياتلارنىڭ تېررىتورىيەنىڭ ئەسلى زېمىن ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىسىز تېڭىلغانلىقىنى، ھەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئاستىدىكى تېخىمۇ كەڭ بولغان مۇستەملىكىچىلىك، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇش سىياسەتلىرىگە باغلانغانلىقىنى ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى ھىدروگېن تەرەققىياتىنى ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشىنىڭ بىر قىسمى دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، تەنقىدچىلەر ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىنىڭ قاتتىق نازارەتچىلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك ئەيىبلەشلىرى ۋە رايونغا تېڭىلغان تېخىمۇ كەڭ كونترول سىستېمىسى دائىرىسىدە چۈشۈنىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتماقتا. چوڭ تۈرلەرگە چېتىشلىق ئەمگەك شارائىتى ۋە يەر ئىشلىتىش ئەھۋالىنى مۇستەقىل دەلىللەش يەنىلا قاتتىق چەكلەنمەكتە.
خايدلېيسون شىركىتى 2025-يىلى دېكابىرغىچە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارلارغا 170 تىن ئارتۇق ھىدروگېن يېقىلغۇ قۇيۇش پونكىتى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوكيانىيە مىقياىسدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شىركەت ھەر بىر ئەسلىھەنى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئاخىرقى ئىشلىتىشنى تۇتاشتۇرىدىغان ھىدروگېن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا.
دۆلەتنىڭ چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىل خەۋەرچىلىك پۇرسىتى يەنىلا چەكلىك بولۇپ، بۇ قۇمۇل ھىدروگېن پونكىتىغا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، مۇھىت ۋە ئەمگەككە كۆرسىتىدىغان تولۇق تەسىرىنى باھالاشنى قىيىنلاشتۇرماقتا.













