ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭ (يېڭى تېررىتورىيە)» دەپ ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى چۈشۈرگەن، باشقىلارغا ھەمبەھرلىگەن ياكى ئاڭلىغان ئاھالىلەرنى سوراق قىلىش ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش بىلەن تەھدىت سالماقتا.
بۇ دوكلات ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە قەشقەردە ساقچىلار ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىننىڭ ئاۋاز خاتىرىسىگە تايانغان بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ خاتىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ھەقىقىيلىقىنى دەلىللىگەن. يىغىندا دائىرىلەر تېلېفون، كومپيۇتېر ياكى تور ھېساباتلىرىدا «چەكلەنگەن» ناخشىلار بايقالغانلارنىڭ قاماق جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنداقلا، قاتناشقۇچىلارغا ئادەتتىكى ئىسلامىي سالام-سائەتلەردىن ۋاز كېچىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش بۇيرۇلغان.
چەكلەنگەن ناخشىلار ئارىسىدا توي-تۆكۈن ۋە ئائىلە يىغىلىشلىرىدا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئورۇندىلىدىغان، كەڭ تونۇلغان «بەش پەدە» ناخشىسىمۇ بار. تېكىستى مۇھەببەت ۋە ئېتىقادنى ئىپادىلىسىمۇ، دائىرىلەر بۇ ناخشىنى «مەسىلىلىك» دەپ تۈرگە ئايرىغانلىقى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە بايان قىلىنغان.
«كىشىلەرنىڭ ‹خاتا› مۇزىكا ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىش ياكى تۈرمىگە تاشلىنىش بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇرمايدۇ.»
— رىئان تۇم، مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى
مۇزىكا چەكلىمىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت باستۇرۇش
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلەر ئارقىلىق بۇ سىياسەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىگەن. بەزىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە مۇزىكا قويغانلىقى ياكى ھەمبەھرىلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاگېنتلىق يەنە بىر ئۇيغۇر مۇزىكا ئىشلىگۈچىسىنىڭ «سەزگۈر» دەپ قارالغان ناخشىلارنى تور ساقلىغۇچ ھېساباتىغا يۈكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سوت ھۆكۈمىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
بۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئىپادىنى نىشان قىلغان كەڭ دائىرىلىك پائالىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر. 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان. 2022-يىلى، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىياسەتلەرنىڭ تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى نەقىل كەلتۈرگەن باياناتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتنىڭ «قانۇن بويىچە» ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتايغا قارشى كۈچلەر»نى سىياسەتلەرنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن. بىر يەرلىك مۇستەملىكىچى ئەمەلدار ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سۆھبەت تەلىپىنى رەت قىلغان.
ناخشىلار، نازارەت ۋە جازالاش
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر «مەسىلىلىك» دەپ قارالغان يەتتە تۈرلۈك ناخشىنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇلار ئەنئەنىۋى خەلق مۇزىكىلىرىدىن تارتىپ سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان يېڭى ئەسەرلەرگىچە بولغان ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلىرى دىنىي مەزمۇن سەۋەبلىك، يەنە بەزىلىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىغا «تۆھمەت قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن بەلگە قويۇلغان.
تىزىملىكتىكىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئاتىلار» ناملىق ناخشىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاتا-بوۋىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئەسلىمىنى ئۇلۇغلايدىغان بۇ ناخشا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى قۇتراتقان» دەپ ئەيىبلەنگەن. ئابدۇرېھىم ھېيت خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش پائالىيىتى جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېتنو-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى راھېل خاررىس ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا «بەش پەدە» ۋە «ئاتىلار»غا ئوخشاش ناخشىلارنىڭ رومانتىك، روھىي ۋە تارىخىي ئىپادىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ۋە زوراۋانلىقنى قۇتراتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ناخشىلارنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ (شەرقىي تۈركىستاندىكى) ئىجتىمائىي ۋە دىنىي تۇرمۇشتىن خەۋپسىرەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىما قىلغان.
دوكلاتتا 27 ياشلىق ئۇيغۇر مۇزىكا ئىشلىگۈچىسى ياشار شۆھرەتنىڭ 2023-يىلى «مەسىلىلىك» دەپ قارالغان ئونلىغان ناخشىنى ئىشلەپ تورغا يۈكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دېلوسى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يەنە ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرىدە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ھەمبەھرىلىگەن ئۆسمۈرلەر ۋە ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرگەن.
بېيجىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ناخشا چەكلىمىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان نازارەت ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك باستۇرۇشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېڭى دوكلاتىدا كەڭ كۆلەملىك نازارەت، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە، تۇغماس قىلىش ۋە باستۇرۇشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول ئاچقان قۇرۇلمىلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە مۇستەقىل خەۋەرچىلىك قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ تاشقى تەكشۈرۈشلەرنى چەكلەپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئوخشاش تەكشۈرۈشلەرنى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماقتا.






