خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇرتقىسى بولغان تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنى تېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. بېيجىڭ تەرىپىدىن ‘شىنجاڭ’ دەپ ئاتىۋېلىنغان بۇ زېمىندا، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە قىسقارتىلدى. لېكىن بۇ پەقەت بىر قاتناش قولايلىقى بولماستىن، بەلكى يۇقىرى دەرىجىدە ھەربىيلەشتۈرۈلگەن رايوندىكى مۇستەملىكىچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان تاجاۋۇزچىلىق قەدىمىدۇر.
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» (China Daily) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر كېلىدىغان «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» 27-دېكابىر رەسمىي قاتناشقا باشلىغان. مەزكۇر تونېل مۇستەملىكىچى مەمۇرىيەتنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى بىلەن لوپنۇرنى تۇتاشتۇرىدىغان 324.7 كىلومېتىرلىق ‹ئۈرۈمچى-لوپنۇر› تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۆلىكىدۇر. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تونېل ئىلگىرى يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى تاغ يوللىرىدا بىر نەچچە سائەت داۋاملىشىدىغان مۈشكۈل سەپەرنى تەخمىنەن 20 مىنۇتقا قىسقارتىدىكەن.
خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى بۇ ئېچىلىشنى ئابىدە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيىتى ۋە رايونلۇق «تۇتاشتۇرۇش»نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما تەنقىدچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى چوڭ تىپتىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ ئىستراتېگىيىلىك، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئەۋزەللىكلىرىگە خىزمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ھەربىيلەشتۈرۈلگەن تاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق قۇرۇلۇش مۆجىزىسى
تەڭرىتاغ تىزمىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ 2500 كىلومېتىردىن ئارتۇق سوزۇلۇپ، بۇ دۆلەتنى شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلارغا ئايرىپ تۇرىدۇ. تونېل قۇرۇلۇشىدىن ئىلگىرى، تاغدىن ئۆتۈش دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان، قىشتا دائىم توسۇلۇپ قالىدىغان ئەگرى-بۈگرى يوللارغا تايىناتتى.
تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى 2020-يىلى ئاپرېلدا باشلانغان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا 46.7 مىليارد يۈەن (6.66 مىليارد دوللار) مەبلەغ سېلىنغان. تونېلنىڭ ئۆزى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىرغا يېقىن ئېگىزلىكتە، ئىنتايىن سوغۇق، يەر تەۋرەش خەۋپى يۇقىرى ۋە مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك يېرىلىش رايونلىرى بولغان جايدا قۇرۇلغان.
مەزكۇر تۈرگە مەسئۇل دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا — خىتاي قاتناش قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى مياۋ باۋدوڭ: «بۇ تونېل تېمپېراتۇرا مىنۇس 42 سېلسىيە گرادۇسقىچە چۈشىدىغان ۋە يەر تەۋرەش خەۋىپى يۇقىرى ئورۇندا سېلىندى» دېدى.
تونېلنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىسمى تاغ تىزمىسىنىڭ 1112 مېتىر ئاستىدىن ئۆتىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن تىك قۇدۇقى 700 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئىنژېنېرلار بۇ قۇرۇلمىنىڭ دۇنياۋى رېكورت ياراتقانلىقىنى ئېيتماقتا.
«بىر بەلۋاغ بىر يول»غا باغلىنىشلىق قاتناش كارىدورى
خىتاي قاتناش ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول G7 بېيجىڭ-ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە خىتاينىڭ شەرقى بىلەن قازاقىستان چېگراسىدىكى قورغاسنى تۇتاشتۇرىدىغان G30 كارىدورى قاتارلىق مۇھىم دۆلەت لىنىيەلىرىگە تۇتىشىدىكەن. بۇ ئاساسلىق لىنىيەلەر بىرلىكتە «يېڭى ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى»نى ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان غەربكە يۈزلەنگەن سودا كارىدورىنى تەمىنلەيدۇ.
مۇستەملىكە قاتناش ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى لى يافېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يول شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا «ئېنېرگىيە، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماللار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ» ھەمدە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
بۇ تېز سۈرئەتلىك تاشيول يەنە بېيجىڭ تەرىپىدىن «خىتاي (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى»نىڭ بىر قىسمى دەپ بېكىتىلگەن رايونلارنى تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئىشغال قىلىنغان تېررىتورىيە مىقياسىدا دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان سودا، بايلىق قېزىش ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا قۇلايلىق يارىتىش رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ.
مۇھىت دەۋاسى ۋە يەرلىك تەسىرلەر
تۈر ئىنژېنېرلىرى تېز سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بەزى بۆلەكلىرىنىڭ سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونلىرى ۋە دۆلەتلىك ئورمان باغچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى مول رايونلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى، شۇڭا يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 116 كىلومېتىرلىق سوزۇلمىدا 17 تونېل ۋە 36 چوڭ كۆۋرۈك سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئومۇمىي لىنىيەنىڭ تەخمىنەن %60 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
پروگراممىغا قاتناشقان يەنە بىر ئىنژېنېر جۇ گېنشېن: «بۇ قۇرۇلمىلار ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئۆتۈشىگە قۇلايلىق يارىتىدۇ ھەمدە چارۋىچىلار ۋە چارۋىلار ئۈچۈن ئۆتۈش يوللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇل ئەسلىھە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشلىرىنى بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ زېمىنلىرىنى تارتىۋالماقتا ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. بۇ جەرياندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى زېمىن ئىگىلىرى ئۆز ماكانىدىكى تەرەققىياتقا ئالاقىدار قارار چىقىرىش ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا.
بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان يېڭى تېز سۈرئەتلىك تاشيول 1-يانۋاردىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش بېيجىڭنىڭ مۇقىم قاتناش تورى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدىكى فىزىكىلىق ۋە ئىقتىسادىي كونتروللۇقىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.






