شەنبە, ئاپرېل 11, 2026
No Result
View All Result
شەرقي تۈركىستان پوچتىسى
  • باش بەت
  • خەۋەرلەر
    • All
    • خەلقئارا خەۋەرلەر
    • سۈرگۈن
    • شەرقىي تۈركىستان
    شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ھەرىكىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش كۈنىنى خاتىرىلىدى، (خىتاينى) جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

    شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ھەرىكىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش كۈنىنى خاتىرىلىدى، (خىتاينى) جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

    تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولدى

    تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىش چاقىرىقى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى رەھبەرلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولدى

    شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى خىتاي-سومالى مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى تۈپەيلى سومالىلاند بىلەن ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

    شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى خىتاي-سومالى مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى تۈپەيلى سومالىلاند بىلەن ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

    تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا تەلىپىنى بىكار قىلدى

    تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا تەلىپىنى بىكار قىلدى

    خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھىدروگېن يېقىلغۇ قاچىلاش پونكىتىنى پۈتتۈردى

    خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھىدروگېن يېقىلغۇ قاچىلاش پونكىتىنى پۈتتۈردى

    شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى يېڭى يىللىق نۇتقىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىدى

    شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى يېڭى يىللىق نۇتقىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئۈندىدى

    خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلىغانلارنى تۇتقۇن قىلماقتا

    خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلىغانلارنى تۇتقۇن قىلماقتا

    خىتاي ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىنى ئاچتى

    خىتاي ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىنى ئاچتى

  • چۈشەندۈرۈش
    • All
    • تەپسىلىي چۈشەنچە
    ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنىپ بەش يىلدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان (قىرغىنچىلىق) ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

    ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنىپ بەش يىلدىن كېيىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان (قىرغىنچىلىق) ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

    ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتاش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى رەت قىلىشىغا قانداق يول ئاچىدۇ؟

    ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتاش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى رەت قىلىشىغا قانداق يول ئاچىدۇ؟

    CECC دوكلاتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلمىدى، پەقەت قايتا تەشكىللەندى

    CECC دوكلاتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلمىدى، پەقەت قايتا تەشكىللەندى

  • سىياسەتلەر
  • سودا ۋە ئىقتىساد
  • پەن-تېخنىكا
  • ھايات
    • All
    • كۈلتۈر-سەنئەت
    خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلىغانلارنى تۇتقۇن قىلماقتا

    خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلىغانلارنى تۇتقۇن قىلماقتا

  • كۆزقاراش
  • ئۇيغۇرچە
    • English
    • Уйғурчә
    • Uyghurche
شەرقي تۈركىستان پوچتىسى
شەرقي تۈركىستان پوچتىسى
No Result
View All Result
Home خەۋەرلەر خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

UN findings cite mass labour transfers and surveillance in East Turkistan as exiled leaders call for accountability

by East Turkistan Post Staff
2026، 23-يانۋار
in Uncategorized
Reading Time: 1 min read
بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

#image_title

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بېيجىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭ (يېڭى چېگرا)» دەپ ئاتىلىۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا ئەسلى زېمىن ئىگىلىرىنى نىشان قىلغان، دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تېڭىلغان ئەمگەكنىڭ «مەجبۇرىي يۆتكەش» ۋە «قۇل قىلىش» سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر 22-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت پىلانى، نازارەتچىلىك ۋە جازالاش تەھدىتى ئارقىلىق يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پائالىيەتلىرىدە «ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر ئەندىزە»نى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان خىتتاي ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

«كۆپۈنچە مەجبۇرلاش ئامىللىرى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سۈپىتىدە مەجبۇرىي يۆتكەش ۋە/ياكى قۇل قىلىش دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن.» — بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە تەرتىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باياناتى، 2026-يىلى 22-يانۋار

دۆلەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ۋە نازارەت قىلىش

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پىلانى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا؛ بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئەسلى زېمىن ئىگىلىرى ئەزالىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا تەقسىم قىلىنغان خىزمەتلەرگە مەجبۇرىي ئاپىرىدىغان بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىشچىلار سىستېمىلىق كۆزىتىش، نازارەت قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا دۇچ كەلسىمۇ جازالىنىش ۋە تۇتقۇن قىلىنىشتىن قورققانلىقتىن، خىزمەتنى رەت قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشكە پېتىنالمايدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر نەقىل كەلتۈرگەن خىتاي رەسمىي پىلان ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر بەش يىللىق پىلاندا 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 13.75 مىليون ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مۆلچەرلەنگەن؛ مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بۇ مۆلچەردىنمۇ ئېشىپ يېڭى يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەجبۇرلاش لايىھەلىرىنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلانلار ئارقىلىق تىبەتلەرگىمۇ تېڭىلغانلىقىنى ئېيتتى. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، پەقەت 2024-يىلىنىڭ ئۆزىدە يۈز مىڭلىغان كىشى ئەمگەك كۈچى يۆتكەشكە ئۇچرىغان، بۇنىڭغا يەنە خەلقلەرنى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن مەجبۇرىي ئايرىيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتلەرمۇ ھەمراھ بولماقتا.

باياناتتا، ئەمگەك كۈچى ۋە ئورۇن يۆتكەشنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىدىغانلىقى، تىل ۋە دىنىي ئادەتلەرنى يوقىتىدىغانلىقى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نامىدا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقلىرى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى «بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى خەلقئارانىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» دېدى.

«بۇ بىر ئەمگەك سىياسىتى ياكى ئىقتىساد پروگراممىسى ئەمەس. بۇ دۆلەت پىلانى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ۋەھىمە سېلىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر خەلقنى سىستېمىلىق قۇل قىلىش قىلمىشىدۇر.» — سالىھ خۇدايار، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى

📰UN Experts Warn of Systematic Enslavement as China’s Genocide in East Turkistan Enters Its 12th Year

PRESS RELEASE – For Immediate Release

WASHINGTON — On January 22, 2026, @UN independent experts issued a grave warning that the Chinese government is operating a state-imposed… pic.twitter.com/x48lauKvvr

— East Turkistan Government in Exile (ETGE) (@ETExileGov) January 22, 2026

بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىۋاتقانلىقىدىن، بەزىدە ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ۋاسىتىلىك كىرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار خىتايدىن مال سىتىۋالىدىغان كارخانا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشىنى قاتتىق ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى ھەمدە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنىڭ توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇش چاقىرىقىنى تەكىتلىدى.

«خەلقىمىز خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلا بولسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ياكى قۇل قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق يولى يوق.» — دوكتور مەمتىمىن ئەلا، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەندىشىلەرنى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل كىرىش يەنىلا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى توپلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرماقتا.

Previous Post

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ھەرىكىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش كۈنىنى خاتىرىلىدى، (خىتاينى) جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

شەرقي تۈركىستان پوچتىسى

شەرقي تۈركىستان پوچتىسى © 2026

  • ‫ھەققىمىزدە
  • تەھرىرلىك نىزامى
  • تەھرىرىي مەۋقە ۋە پرىنسىپلار
  • ئالاقىلىشىڭ

Powered by
►
Necessary cookies enable essential site features like secure log-ins and consent preference adjustments. They do not store personal data.
None
►
Functional cookies support features like content sharing on social media, collecting feedback, and enabling third-party tools.
None
►
Analytical cookies track visitor interactions, providing insights on metrics like visitor count, bounce rate, and traffic sources.
None
►
Advertisement cookies deliver personalized ads based on your previous visits and analyze the effectiveness of ad campaigns.
None
►
Unclassified cookies are cookies that we are in the process of classifying, together with the providers of individual cookies.
None
Powered by
No Result
View All Result
  • ئۇيغۇرچە
    • English
    • Уйғурчә
    • Uyghurche
  • باش بەت
  • خەۋەرلەر
    • شەرقىي تۈركىستان
    • سۈرگۈن
    • خەلقئارا خەۋەرلەر
  • چۈشەندۈرۈش
    • تەپسىلىي چۈشەنچە
    • ئۇچۇر گرافىكلىرى
    • تونۇشتۇرۇش
  • سىياسەتلەر
  • سودا ۋە ئىقتىساد
  • پەن-تېخنىكا
  • ھايات
    • جەمئىيەت
    • كۈلتۈر-سەنئەت
    • سەھىيە-ساغلاملىق
    • تارىخ
    • دىن
  • كۆزقاراش
    • تەھرىرات يازمىلىرى
    • مېھمان يازمىلىرى
    • ئوقۇرمەن مەكتۇپلىرى

شەرقي تۈركىستان پوچتىسى © 2026