2017 – يىلىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەتلەر، تاراتقۇلار ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكلەرنى بارغانسېرى كۆپ ئېتىراپ قىلماقتا. كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتىن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشكىچە بولغان جىنايەتلەر خاتىرىلەندى، بىر قانچە دۆلەت ۋە پارلامېنتلار بۇنى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇدى. شۇنداقتىمۇ، ئاساسلىق بايانلاردا ئۇيغۇرلارنى يەنىلا «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تەسۋىرلەش داۋاملاشماقتا؛ بۇ سۆز سىرتقى يۈزىدىن قارىماققا ئادەتتىكى تەسۋىردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما چوڭقۇر سىياسىي ئاقىۋەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەندۇر.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھاننىڭ 2025-يىلى 23-دېكابىر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتى بۇ ئاتالغۇنىڭ تەرەپسىز ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەكسىچە، ئۇ بۇنى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يوشۇرىدىغان ۋە بىر مىللەتنى سىياسىي ئورنىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان «ئاز سانلىقلاشتۇرۇش» (minoritization) جەريانى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ تەھلىلى بېيجىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭ (يېڭى تېررىتورىيە)» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستاننى مەركەز قىلىدۇ ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بايانلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى «ئىچكى باشقۇرۇش مەسىلىسى»گە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق، ئىشغالىيەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«‹ئاز سانلىق مىللەت› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش ھەرگىزمۇ تەرەپسىزلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇ مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىسىز ئالاھىدە بىر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سالاھىيەتنى تېڭىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
— دىلنۇر رەيھان، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى.
تاجاۋۇزچىلىقتىن زورلاپ تېڭىلغان كاتىگورىيەگىچە
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى سىياسىي ئورنى 1949-يىلى ئۈزۈل-كېسىل بەلگىلەنگەن. ئۇ چاغدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۆز مەمۇرىيىتى ۋە قوراللىق قىسىملىرىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت ئىدى. رەيھان تەرىپىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى خىتاي رەھبەرلىرى بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىللىقىنى، بولۇپمۇ شىمالىي موڭغۇلىيە خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ، مۇستەقىل موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغاندىن كېيىن، بىر ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت دەپ قارىغان.
روسىيە ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى شۇ يىلى كېيىنرەك ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا زور دەرىجىدە تايانغان. تاجاۋۇزچى «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى»گە ئايروپىلان، يېقىلغۇ، ئاشلىق ۋە ئەشيا ئوبوروتى ياردىمى بېرىلگەن بولۇپ، بۇلار ئىشغالىيەتنى مۇمكىن قىلغان. تاجاۋۇزچىلىقتىن كېيىن، بۇ زېمىننىڭ ئىسمى «يېڭى تېررىتورىيە» ياكى «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ»غا ئۆزگەرتىلىپ، مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتى بىۋاسىتە رەسمىي نامغا سىڭدۈرۈلگەن.
رەيھاننىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنرەك « ئاز سانلىق مىللەت» دەپ قايتا تۈرگە ئايرىلىشى قەستەن قىلىنغان سىياسىي ھەرىكەت ئىدى. خىتتاي بۇ ئارقىلىق ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقنى «ئىچكى بىر گەۋدىلىشىش» دەپ پەردازلاپ شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيا مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش تارىخىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشتى. «ئاز سانلىق مىللەت» رامكىسى مۇستەملىكە قىلىنغان بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقئارالىق ئېتىراپ قىلىنىش تەلىپىنى ئالدىن توسۇشنى مەقسەت قىلغان.
«خىتايمۇ، دۇنيانىڭ قالغان قىسمىمۇ ئۇيغۇرلارنى ‹ ئاز سانلىق مىللەت› سۈپىتىدە كۆرسەتمەكتە، شۇ ئارقىلىق 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچرىغان ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي-ئۇيغۇر مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى قەستەن رەت قىلماقتا».
— دىلنۇر رەيھان، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى.
ئازسانلىقلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتتە نېمە قىلىدۇ؟
كۈندىلىك ئىشلىتىشتە، «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن سۆز كۆپىنچە نوپۇس خاراكتېرلىك تەسۋىر دەپ چۈشىنىلىدۇ. رەيھان «ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتى»نى نوپۇس سانىغا ئەمەس، بەلكى ھوقۇققا ئاساسەن بەلگىلەيدىغان سىياسىي نەزەرىيەنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ قاراشقا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئورگانلار، قانۇنلار، ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە دۆلەت قۇرۇلمىلىرى بىر ھۆكۈمران گۇرۇپپىنىڭ ئۆلچەملىرى ۋە تاللاشلىرىنى قوغداش، باشقىلارنى ئۇنىڭغا بېقىندى قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەندە، ئۇ گۇرۇپپىلار «ئاز سانلىق مىللەت»كە ئايلىنىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئازسانلىقلاشتۇرۇش — مەجبۇرىي شەكىللەندۈرۈلگەن نورماللىقتىن پەرقلىق بولۇشنى كۆرسىتىدىغان ۋە بۇ پەرقنى بىر خىل «نوقسان» ياكى «كەمچىلىك» دەپ قارايدىغان بىر جەرياندۇر. ھۆكۈمران گۇرۇپپا ئۆزى «ئوخشىمايدىغانلار» دەپ بەلگە قويغانلارنى بەلگىلەش، باشقۇرۇش ۋە تۈزىتىش ھوقۇقىنى ئۆزىدە ساقلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، نازارەت قىلىش ۋە مەجبۇرىي بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئەمەس، بەلكى «شەپقەتلىك باشقۇرۇش» سۈپىتىدە ئاقلىنىدۇ.
بۇ رامكا شەرقىي تۈركىستانغا تەتبىقلانغاندا، ھەققانىي بولغان مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشنى «بىخەتەرلىك تەھدىتى»گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. سىياسىي ھوقۇق ۋە مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش تەلىپى «دۆلەت بىرلىكىگە تەھدىت» دەپ تەسۋىرلەنسە، ئاسسىمىلياتسىيەنى رەت قىلىش «ئاشقۇنلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» دېگەن قالپاقلار ئارقىلىق جىنايەتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتى» ئاتالغۇسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قاراتقان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققىدىن ئايرىلالماس بىر قىسىمغا ئايلىنىدۇ.
«مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرنى بۇنداق ئازسانلىقلاشتۇرۇش زىيادە بىر زوراۋانلىق شەكلى بولۇپ، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكىلەرگە قارىتىلغان زور بېسىمدۇر».
— دىلنۇر رەيھان، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى
ئىندىجىنىس رامكىسى ۋە تالاش-تارتىشلىق ئاتالغۇ
رەيھان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاققۇن نۇپۇس ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دائىم «ئىندىجىنىس» (indigenous) ئاتالغۇسىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقى دۆلەتنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ۋە نوپۇس قۇرۇلۇشى تەرىپىدىن پارچىلانغان باشقا مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەر بىلەن ئورتاقلىق ئورنىتىدۇ. ئىلمىي ساھەدە، بۇ رامكا كۆپىنچە ئەسلى مەۋجۇتلۇقنى ۋە زېمىندىن مەھرۇم قىلىنغانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ئۇيغۇرلارغا «ئىندىجىنىس» دېگەن نامنى بېرىش شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئۆز ئىچىدە سىياسىي جەھەتتىن تالاش-تارتىشلىق تېما ھېسابلىنىدۇ. 2021-يىلى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «ئىندىجىنىس» دەپ ئاتىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تۈرگە ئايرىشنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ نىشان بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«خەلقىمىزنىڭ دېموكراتىك تاللىشىغا ھۆرمەت قىلغان ھالدا، بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنىڭ ‹ئىندىجىنىس› ئەمەسلىكىنى جاكارلايمىز، چۈنكى بۇ بەلگە مىللىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ نىشانى بىلەن پۈتۈنلەي سىغىشمايدۇ».
— غۇلام ياغما، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى رەئىسى، 2021-يىلى.
سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ئىندىجىنىسلەرنىڭ ھوقۇقىنى باشقۇرىدىغان خەلقئارالىق قانۇن رامكىلىرىنىڭ «ئىچكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ياكى ئاپتونومىيەگە يول قويىدىغانلىقىنى، ئەمما «تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» يەنى مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار ب م ت نىڭ «ئىندىجىنىسلەر ھوقۇقى خىتابنامىسى»دىكى سىياسىي ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دائىرىسىنى چەكلەيدىغان ماددىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 2200 دىن ئارتۇق مۇھاجىرەتتىكى كىشى قاتناشقان ئاشكارا سورالغان پىكىر تەكشۈرۈشتە، قاتناشقۇچىلارنىڭ تەخمىنەن %90 تى «ئىندىجىنىس» دېگەن نامنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرغان. سۈرگۈندى ھۆكۈمەت شۇنى تەكىتلىدىكى، گەرچە بۇ سۆز مۇستەملىكە قىلىنىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلىسىمۇ، لېكىن ئۇنى قوبۇل قىلىش شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىللىققا يول قويمايدىغان بىر قانۇن رامكىسىغا قاماپ قويۇش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.
بۇ مۇنازىرە ئىلمىي تەتقىقاتتا قوللىنىلىدىغان ئانالىز تۈرلىرى بىلەن مىللىي ھەرىكەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسىي نىشانلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رەيھان «ئىندىجىنىس» تېرمىنولوگىيەسىنى ئاققۇن نۇپۇس ئارقىلىق مۇستەملىكە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن قوللانسا، شەرقىي تۈركىستان ئورگانلىرى تېرمىنولوگىيەنىڭ چوقۇم تولۇق مۇستەقىللىق ئىنتىلىشى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ ئاتاشنى رەت قىلىپ كەلدى. سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ئۆز باياناتلىرىدا، «ئاز سانلىق مىللەت» رامكىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىشىنى «قانۇنلۇق ۋە مەڭگۈلۈك» دەپ پەردازلايدىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بولسا مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى «مەدەنىيەتنى قوغداش» مەسىلىسىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سۈرگۈندى ھۆكۈمەت مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش ۋە مۇستەقىللىقنىڭ پەقەت بىر ئارزۇ-ئىستەكلا ئەمەس، بەلكى چەتئەل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى زۆرۈر بولغان قانۇنىي قۇتۇلۇش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى، تاشقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئازسانلىقلاشتۇرۇش تىلىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نېئو-ئورىئانتالىزم ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك شېرىكلىك
رەيھان يەنە ئۆزى «نېئو-ئورىئانتالىزم» (يېڭى شەرقشۇناسلىق) دەپ تەسۋىرلىگەن قاراشنى تەنقىد قىلدى: بۇ، ئالىملار ۋە ئوبزورچىلار ئارىسىدىكى ئىمپېرىيالىزمنى پەقەت غەربكە خاس ھادىسە دەپ قاراشقا بولغان بىر خىل مايىللىقتۇر. بۇ رامكىدا، خىتاي ئاساسلىقى غەرب ھۆكۈمرانلىقىنىڭ «قۇربانى» سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ، بۇ بولسا ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى مۇستەملىكىچىلىك ئەمەلىيەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تەنقىدلەردىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا يول ئاچىدۇ.
بۇ «قارىغۇ نۇقتا»نىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى بار. ئۇ خىتاي ھۆكۈمەت سۆزلۈكلىرىنى تەنقىدىي پىكىرسىز قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە زىيانكەشلىكلەرنى ئىشغالىيەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى «ئىچكى باشقۇرۇش» مەسىلىسى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. نەتىجىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئىنكاسلار قوغداش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى پەقەت خاتىرىلەش ۋە بايانات ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ.
ئىلمىي ۋە سىياسەت بەلگىلەش ئورگانلىرى بۇ تەتۈر باياننى داۋاملىشتۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇلار مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇشتىن كۆرە، مۇقىملىق ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەۋزەل بىلىش ئارقىلىق، ئېتىراپ قىلىشنىڭ ھەرگىزمۇ ھەل قىلىشقا ئېلىپ بارمايدىغان، مۇستەملىكە قىلىنغانلارنىڭ ئاۋازى چەتكە قېقىلىدىغان ياكى رەت قىلىنىدىغان بىر سىستېمىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن تىل نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ؟
بۇ مۇنازىرە ھېچقاچان سۆز ئويۇنى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئاتىلىشى قايسى خىل ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش» مەۋجۇت دۆلەتلەر ئىچىدىكى مەدەنىيەت ھوقۇقىنى تەكىتلەيدۇ، ئەمما دۆلەت ئۆزى كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىقنىڭ جىنايەتچىسى بولغان ئەھۋاللارنى ھەل قىلىشقا قۇرۇلما جەھەتتىن ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىنغان بىر خەلق دەپ تونۇش شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدىكى خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىچكى سىياسەتنىڭ بىر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇنىي ئاقىۋىتى بار چەتئەل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قايتا بەلگىلەيدۇ.
رەيھاننىڭ ئېتىرازى ئالىملار، ژۇرنالىستلار ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى ھوقۇق مۇناسىۋەتلىرىنى يوشۇرىدىغان كونا سۆزلەردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى «ئاز سانلىق مىللەت» دەپ تەسۋىرلەشنى داۋاملاشتۇرۇش تەرەپسىز بىر ئانالىز تاللىشى ئەمەس؛ ئۇ بىر مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىردەك بولغان سىياسىي ھەرىكەتتۇر.
مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇش نام بېرىشتىن باشلىنىدۇ. ئازسانلىقلاشتۇرۇش ئاتالغۇلىرىنى رەت قىلىش — شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدىكى بىر دۆلەت، ئۇنىڭ خەلقىنى بولسا ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بىر مىللەت دەپ تونۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمىدۇر.










