بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بېيجىڭ تەرىپىدىن «شىنجاڭ (يېڭى چېگرا)» دەپ ئاتىلىۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا ئەسلى زېمىن ئىگىلىرىنى نىشان قىلغان، دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تېڭىلغان ئەمگەكنىڭ «مەجبۇرىي يۆتكەش» ۋە «قۇل قىلىش» سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر 22-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت پىلانى، نازارەتچىلىك ۋە جازالاش تەھدىتى ئارقىلىق يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك پائالىيەتلىرىدە «ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر ئەندىزە»نى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان خىتتاي ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىتىگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
«كۆپۈنچە مەجبۇرلاش ئامىللىرى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سۈپىتىدە مەجبۇرىي يۆتكەش ۋە/ياكى قۇل قىلىش دەرىجىسىگە يېتىشى مۇمكىن.» — بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە تەرتىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باياناتى، 2026-يىلى 22-يانۋار
دۆلەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ۋە نازارەت قىلىش
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پىلانى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا؛ بۇ پىلان ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئەسلى زېمىن ئىگىلىرى ئەزالىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا تەقسىم قىلىنغان خىزمەتلەرگە مەجبۇرىي ئاپىرىدىغان بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىشچىلار سىستېمىلىق كۆزىتىش، نازارەت قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا دۇچ كەلسىمۇ جازالىنىش ۋە تۇتقۇن قىلىنىشتىن قورققانلىقتىن، خىزمەتنى رەت قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشكە پېتىنالمايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر نەقىل كەلتۈرگەن خىتاي رەسمىي پىلان ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر بەش يىللىق پىلاندا 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە 13.75 مىليون ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مۆلچەرلەنگەن؛ مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بۇ مۆلچەردىنمۇ ئېشىپ يېڭى يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەجبۇرلاش لايىھەلىرىنىڭ ھەربىي مەشىق ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلانلار ئارقىلىق تىبەتلەرگىمۇ تېڭىلغانلىقىنى ئېيتتى. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، پەقەت 2024-يىلىنىڭ ئۆزىدە يۈز مىڭلىغان كىشى ئەمگەك كۈچى يۆتكەشكە ئۇچرىغان، بۇنىڭغا يەنە خەلقلەرنى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن مەجبۇرىي ئايرىيدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتلەرمۇ ھەمراھ بولماقتا.
باياناتتا، ئەمگەك كۈچى ۋە ئورۇن يۆتكەشنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىدىغانلىقى، تىل ۋە دىنىي ئادەتلەرنى يوقىتىدىغانلىقى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نامىدا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى.
جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقلىرى
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى «بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى خەلقئارانىڭ سۈكۈت قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» دېدى.
«بۇ بىر ئەمگەك سىياسىتى ياكى ئىقتىساد پروگراممىسى ئەمەس. بۇ دۆلەت پىلانى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ۋەھىمە سېلىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر خەلقنى سىستېمىلىق قۇل قىلىش قىلمىشىدۇر.» — سالىھ خۇدايار، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى
📰UN Experts Warn of Systematic Enslavement as China’s Genocide in East Turkistan Enters Its 12th Year
— East Turkistan Government in Exile (ETGE) (@ETExileGov) January 22, 2026
PRESS RELEASE – For Immediate Release
WASHINGTON — On January 22, 2026, @UN independent experts issued a grave warning that the Chinese government is operating a state-imposed… pic.twitter.com/x48lauKvvr
بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىۋاتقانلىقىدىن، بەزىدە ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ۋاسىتىلىك كىرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار خىتايدىن مال سىتىۋالىدىغان كارخانا ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشىنى قاتتىق ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى ھەمدە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنىڭ توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇش چاقىرىقىنى تەكىتلىدى.
«خەلقىمىز خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلا بولسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ياكى قۇل قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق يولى يوق.» — دوكتور مەمتىمىن ئەلا، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئەندىشىلەرنى ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل كىرىش يەنىلا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى توپلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرماقتا.







